×
Image

ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانمىلار - (ئۇيغۇرچە)

«ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانمىلار» ناملىق بۇ ئەسەر ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن ئاتمىش كىشىنىڭ تەرجىمىھالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇ ساھابىلارنىڭ، ئۆلگىلىك ئىش-ئىزلىرى، ئىمانى ۋە ئىنسانى ئالاھىدىلىكلىرى، دىننى قوغداش ۋە تارىتىش يولىدا كورسەتكەن پىداكارلىقلىرى... قاتارلىقلارنى تەسۋىرلەپ بىرىدۇ.

Image

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ سېخىلىقىدىن ئۆرنەكلەر - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ6/7/1431ھـ 2010-يىلى06-ئاينىڭ18-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ ئابدۇلمۇھسىن ئىبنى مۇھەممەد قاسىم سۆزلىگەن. خۇتبىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سېخىلىقى، ساھابە كىراملارنىڭ خەيرى-ساخاۋەت قىلىشتىكى مەردلىكى، قېرىنداشلار ئارا ماددى ۋە مەنىۋى ياردەمدە بولۇش ئىسلامدىكى ئەڭ گۈزەل پەزىلەتلەردىن ئىكەنلىكى توغرىسىدا رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابە كىراملارنىڭ شەرەپلىك ھاياتىدىن نەمۇنىلار بىلەن چۈشەنچە بېرىدۇ.

Image

ئالدامچىلىق ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ5/3/1431ھـ/2009-يىلى02-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن.خۇتبىدا ئالدامچىلىق ۋە ئۇنىڭ مۇسۇلمان جەمئىيىتىگە بولغان يامان تەسىرى، پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرىدىكى ئالدامچىلىق، كۆز بويامچىلىق قىلىپ مال سېتىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ئىسلامدا چەكلەنگەنلىكى، مۇسۇلماننىڭ بارلىق ئىشلاردا راستچىل بولۇشىنىڭ لازىملىقى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلدى.

Image

ئالدامچىلىق ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 13/7/1431ھـ 2010-يىلى06-ئاينىڭ25-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر ئابدۇراھمان ئىبنى ئابدۇلئەزىز سۇدەيس سۆزلىگەن. خۇتبىدا ئالدامچىلىق ۋە كاززاپلىقنىڭ ئاقىۋىتى، ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ئالدامچىلىقنىڭ يامراپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، مۇسۇلمانلار شەرئى سودا تىجارەت پرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلماستىن كاززاپلىقنى چىقىش قىلغان سىياسەت ئاستىدا ھالال-ھارامنى ئايرىماستىن پۇل تېپىشقا يۈزلىنىشى ئەپسۇسلىنارلىق....

Image

گۇناھ-مەسىيەتنى پەرزەنتلىرى ئالدىدا ئىشلەشنىڭ ھۆكمى - (ئۇيغۇرچە)

پەرزەنتلىرىنىڭ ئالدىدا چەكلەنگەن ئىشلانى قىلىش، گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا قىلغانلىق ھېسابلىنامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار.

Image

ئاللاھتىن قورقۇش ۋە ئۈمىدۋارلىق - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 1/7/1432ھـ 2011-يىلى06-ئاينىڭ03-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا قورقۇش ۋە ئۈمىد قىلىشنىڭ قەلب ئەمەللىرىدىن ئىكەنلىكى، مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېيىقىپ، ئۇنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدۋار بولۇپ ياشاشنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى تەۋسىيە قىلدى.

Image

ئاللاھ يولىدا ۋەخپە تۇرغۇزۇشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ14/2/1431ھـ 2009-يىلى01-ئاينىڭ29-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر سەئۇد ئىبنى ئىبراھىم ئەششۇرەيم سۆزلىگەن. خۇتبىدا ۋەخپىنىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتى، ۋەخپە تۇرغۇزۇشنىڭ پەزىلىتى، ۋەخپە تۇرغۇزۇش ئارقىلىق مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان بەزى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ مۇمكىنلىكى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز-ئارا ھەمكارلىق تۇرغۇزۇشى ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ساپاسىنى كۆتۈرۈپلا قالماستىن....

Image

قۇرئان كەرىمنىڭ سىرلىرى - (ئۇيغۇرچە)

قۇرئان كەرىمنىڭ سىرلىرى، ناملىق بۇ كىتاپ ياش تەرجىمان ۋە مۇھەررىر ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد ئەپەندىمنىڭ تەرجىمىسى بولۇپ، بۇ كىتاپتا، قۇرئان كەرىمنىڭ بەزى سىرلىق تەرەپلىرى ئۇستىدىن ئىلىپ بىرىلغان تەتقىقاتلار، سۈرە ، ئايەت ۋە ھەرپلەرنىڭ ئىنساننىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان ماتېماتىكىلىق سېستىم بىلەن تۇزۇلگەنلىكىنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ ئاللاھنىڭ ھەق كىتابى ئىكەنلىكىگە دەلىل ئىسپاتلىقىنى ئىلگىرى سۇرىدۇ....

Image

ئىسلامدىكى سىياسى تۈزۈم - (ئۇيغۇرچە)

«ئىسلامدىكى سىياسى تۈزۈم» ناملىق بۇ ئەسەردە، دىنسىزلىق، دۇنياپەرەسلىك ھۆكۈم سۇرگەن، سكولارىزىم ھەركىتى ئەۋىج ئىلىۋاتقان بۇگۇنكى كۈندە ئىسلام دىنىنىڭ ماھېيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى پۈتۈن ئىشلارغا ئارىلىشىش سالاھىيىتىنىڭ مۇتلەق ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئىمانى مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى تەپسىلى بايان قىلىدۇ.

Image

ئىسلام ئىقتىسادشۇناشلىقى ھەققىدە تەتقىقات - (ئۇيغۇرچە)

«ئىسلام ئىقتىسادشۇناشلىقى ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق بۇ ئەسەر ئىسلام ئىقتىسادشۇناشلىقى ھەققىدە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان تۈنجى ئەسەر بولۇپ ھىساپلىنىدۇ، بۇ ئەسەردە ئىسلام قانۇنىنىڭ پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى، ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنى ئىقتىسادى ئىگىلىك تىكلەشكە تەرغىپ قىلىدىغانلىقى ۋە شۇنداقلا ئىقتىسادشۇناشلىققىمۇ ئىسلام قانۇنىدا ئالاھىدە يەر بىرىلگەنلىكى... قاتارلىقلارنى قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن ھالدا ئىلمى....

Image

ھەدىسلەر توپلىمى - (ئۇيغۇرچە)

ھەدىسلەر توپلىمى ناملىق بۇ ئەسەر 6500 بەتتىن ئارتۇق ھەجىمگە ئىگە بولۇپ جەمئىي 10 توم، بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىدىكى، توغرىسى پۇتۇن ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى ھەجمى ئەڭ چوڭ دىنى ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاپتۇر بۇ توپلامنى سەھىھۇلبۇخارى، سەھىھ مۇسلىم، سۇنەنى تىرمىزى، سۇنەنى ئەبۇ داۋۇد، سۇنەنى نەسائى، سۇنەنى ئىبنى ماجە، مۇۋەتتەئۇ مالىك، سۇنەنى....

Image

غەززە رايونىدىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن نېمە قىلالىدۇق؟! - (ئۇيغۇرچە)

ئاپتۇر ماقالىسىدا ئىسلامىي قېرىنداشلىقنىڭ ئەھمىيىتى، مۇسۇلمان ئۈچۈن دۇئانىڭ ئەڭ كۈچلۈك قورال ئىكەنلىكى، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، غەززە رايونىدىكى قېرىنداشلارغا جىھادتا مۇستەھكەم ۋە قەتئى ئىرادىلىك بولىشىغا دۇئا قىلىش مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ھازىرقى ۋەزىيەتتىكى ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەم ئىكەنلىكى، كۆپلىگەن دۆلەتلەردە غەززە رايونىدىكى قېرىنداشلارغا ماددىي ۋە مەنىۋى ھېسداشلىق پائالىيەتلىرىنىڭ قانات يايدۇرىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىدۇ.