×
Image

مۇسۇلمانلار ئەجدادلار تارىخىنى بىلىشى كېرەك - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 2/5/1431ھـ/2010-يىلى04-ئاينىڭ16-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن.خۇتبىدا ساھابە كىراملارنىڭ ھاياتى ئارقا كۆرۈنۈشلىرى، مۇسۇلمانلارنىڭ نۇسرەت ۋە ياردەمگە ئېرىشىشى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش، رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىشىنى تەقەززا قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا پايدىلىنىشقا ئەرزىيدىغان جانلىق تارىخى مىساللار بىلەن يورۇتۇپ بېرىدۇ.

Image

ئاللاھقا بولغان سەمىمىيەت - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ30/5/1431ھـ2010-يىلى05-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن.خۇتبىدا ئىنساننىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان سەمىمىيەت ۋە راستچىللىقى، سەمىمىيەتنىڭ پەزىلىتى، ئاللاھقا بولغان سەمىمىيەتنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىشتىكى رولى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ساھابىلارنىڭ ئاللاھقا بولغان سەمىمىيىتىنى بايان قىلىش ئارقىلىق روشەن ئىپادىلەپ بېرىدۇ.

Image

ھىجاب سەۋەپلىك  ئىمتىھاندىن قالدۇرۇلۇشى مۇمكىن - (ئۇيغۇرچە)

مەلۇم بىر دۆلەتنىڭ تىببى پاكۇلتىتىدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان بىر قىز ئوقۇغۇچى ھىجابلىنىشنى خالايدۇ، ئەمما ئۇ ھىجابى سەۋەبلىك ئىمتىھاندىن قالدۇرۇپ قويۇلۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئۇنىۋېرسىتېتىنى تۇگۇتۇپ بولغۇچە ھىجابلانمىسىمۇ بولامدۇ؟، قانداق قىلىشى كېرەك، بۇ ھەقتە تەپسىلى جاۋاپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.  

Image

پەيغەمبىرىمىزنىڭ تۇنجى جۈمە خۇتبىسى - (ئۇيغۇرچە)

بۇ خۇتبە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىگە كېرىشتىن ئىلگىرى سالىم ئىبنى ئەۋپ ئايمىقىدا سۆزلىگەن تۈنجى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىدىكى بايانلارنىڭ روھانىي ۋە تەربىيىۋى قىممىتىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا، ئىسلام بىرلەشمە مۇنبىرى تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلانغان بۇ قىممەتلىك ئەسەرنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

Image

رامىزان ئېيىنىڭ كىرگەنلىكى قانداق ئىسپاتلىنىدۇ ۋە ئاينى قانداق بىلگىلى بولىدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

رامىزان ئېيىنىڭ كىرگەنلىكى ئاينى كۆرۈش ياكى شەبان ئېيىنى تولۇقلاش بىلەن ئىسپاتلاش، تەلەپ قىلىنىدىغان گۇۋاھچىلارنىڭ سانى، ئاياللارنىڭ گۇۋاھلىق بېرىشىنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز؟.

Image

نۇسرەتكە ئېرىشىش ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 21/6/1431ھـ 2010-يىلى06-ئاينىڭ04-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ دىنى ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ شەرىئىتىدىن يىراقلاشقانلىق سەۋەبلىك دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زۇلۇم ۋە قىرغىنچىلىق، كەمسىتىش ۋە ئادالەتسىزلىككە ئۇچراۋاتىدۇ. ھەرقانداق مىللەت ئاللاھنىڭ نۇسرىتىنى قولغا كەلتۈرەي دەيدىكەن، دىنىغا قايتسۇن ۋە ئۇنىڭدا مۇستەھكەم تۇرسۇن،....

Image

ئاينى كۆرۈش ئۈچۈن  زامانىۋى ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلانساق بولىدۇ - (ئۇيغۇرچە)

يېڭى ئاينىڭ كىرگەن ياكى چىقىپ كەتكەنلىكىنى  مۇقىملاشتۇرۇشتا ئاسمان جىسىملىرىنى كۈزىتىش ئورۇنلىرىنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىگە تايانساق بولامدۇ؟. مۇسۇلمانلار ئاينى كۆرۈش ئۈچۈن ئاسترونومىيىلىك كۈزىتىش ئەسۋابلىرىنى ئىشلەتسە بولامدۇ؟ ياكى پەقەت كۆز بىلەن كۆرۈش كېرەكمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

Image

ھاياتتا ئەمەلىيەتچان بولۇش لازىم - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 28/6/1431ھـ 2010-يىلى06-ئاينىڭ11-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ دوكتۇر سەئۇد ئىبنى ئىبراھىم ئەششۇرەيم سۆزلىگەن. خۇتبىدا مۇسۇلمان ئېغىر كۈن ۋە سىناقلارغا دۇچار بولغان ۋاقىتلاردا ئاللاھنىڭ تەقدىرى ۋە ھۆكمىگە بويسۇنۇپ سەۋرچانلىق بىلەن دىنىدا مۇستەھكەم تۇرۇشى كېرەكلىكى، ئاللاھقا چەكسىز ئىشەنچ باغلاش ئارقىلىق ئېغىر كۈن ۋە مۇسىبەتلەردىن قۇتۇلۇش....

Image

ئىسلامدىكى ئاياللارنىڭ ھوقۇقى ۋە مۇھىم ئەمەللىرى - (ئۇيغۇرچە)

ئىسلامدىكى ئاياللارنىڭ ھوقۇقى ۋە مۇھىم ئەمەللىرى ناملىق بۇ كىتاپ ياش دىنى زىيالى ھەدىسشۇناس سەيپىددىن ئەپەندىم تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى.بۇ كىتاب ئۆقۇرمەنلەرگە، غەرىپ ئەللىرىنىڭ ئىسلامنىڭ، ئىسلام ئاياللىرىغا تولۇق كىشىلىك ھوقۇقۇنى بەرمىدى دىگەندەك بىرقىسىم توھمەت خاراكتىرلىق كۆز قارىشىنى ئوچۇق بايان قىلىپ،ئۇنىڭغا قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن جاۋاپ بىرىدۇ. شۇنداقلا ئاياللارنىڭ پاك ـ دىيانەتلىك،....

Image

پەسىللەردىن پايدىلىنىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ27/7/1431ھـ 2010-يىلى07-ئاينىڭ09-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال شەيخ سۆزلىگەن.خۇتبىدا پەسىللەرنىڭ ئالمىشىشى ۋە قىش-يازدىن ئىبارەت ئىككى پەسىلنىڭ قەھرىتان سوغۇق ۋە ئادەمنى راھەتسىز قىلىدىغان ئىسسىقلىرىدىكى ھېكمەتنى تەپەككۇر قىلىش، ئىنسانغا بۈيۈك بىر ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنى ئەسلىتىدىغانلىقى، يازنىڭ ئۇزۇن كۈندۈزلىرى، قىشنىڭ ئۇزۇن كېچىلىرىنى ئاللاھ رازى....

Image

كۆڭۈلدىكى مېھمان (تەۋسىيە ئەسەر) - (ئۇيغۇرچە)

«كۆڭۈلدىكى مېھمان» ناملىق بۇ ئەسەردە رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى، رامىزاننىڭ ئىسلامدىكى ئورنى، قاچان پەرز قىلىنغانلىقى، روزىنىڭ پايدىسى، روزىنى بۇزىدىغان ئامىللار، روزىدارنىڭ روزىسىغا تەسىر يەتكۈزمەيدىغان ئىشلار ۋە روزىغا دائىر ئەھكام قاتارلىقلارنى ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن بايان قىلىپ بېرىدۇ.

Image

رامىزاندىكى بىر كۈن (تەۋسىيە) - (ئۇيغۇرچە)

«رامىزاندىكى بىر كۈن» ناملىق بۇ ئەسەردە رامىزان ئېيىنى غەنىمەت بىلىش، كۈندىلىك ئىبادەتلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەت روھىغا ئۇيغۇن ھالدا ئىلىپ بېرىش ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا روزىنىڭ قوبۇل بولىشىنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.