×
Image

رامىزاندىن ئىلگىرى ۋە كېيىن - (ئۇيغۇرچە)

ئاپتور ماقالىسىدا، رامىزان روزىسىغا تەييارلىق كۆرۈشنىڭ مۇھىملىقى، مۇسۇلمان نەپسىنى ئىسلاھ ۋە پاكلاش ئۈچۈن رامىزان ئېيىنى غەنىمەت بىلىش لازىملىقى، بۇ مۇبارەك ئاينىڭ ئاخىرقى ئونى ۋە قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى، رامىزاندىن كېيىنمۇ ياخشى ئەمەل ۋە نەپلە ئىبادەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.

Image

خۇشۇئ نامازنىڭ جىنىدۇر - (ئۇيغۇرچە)

ئاپتور ماقالىسىدا، "خۇشۇئ " نىڭ مەنىسى ۋە ئۇنىڭ شەرئى ھۆكمى، "خۇشۇئ " نىڭ پەزىلىتى، نامازخان ھاياتىدا "خۇشۇئ " نىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتى قاتارلىق مۇسۇلماننىڭ بىلىشى مۇھىم بولغان مەسىلىلەرنى قۇرئان، سۈننەت ۋە سەلەپ-سالىھلارنىڭ خۇشۇئ چۈشەنچىسىدىن دەلىللەپ ئوقۇرمەنلەرگە بۇ مەسىلىنى ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.

Image

رامزاندا تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇش بىدئەت ئەمەس بەلكى تەكىتلەنگەن سۈننەتتۇر - (ئۇيغۇرچە)

تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت بولۇپ ئوقۇش، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە يولغا قويۇلمىغان، تۇنجى بولۇپ ئۆمەر رەزىيەللاھۇئەنھۇ يولغا قويغانلىقى سەۋەبلىك بىدئەت دەپ قارىلامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

Image

قۇرئان كەرىمنى قانداق ئوقۇشىمىز كېرەك؟ - (ئۇيغۇرچە)

ئاپتور ماقالىسىدا قۇرئان كەرىمنى چۈشۈنۈپ ۋە پىكىر يۇرگۇزۇپ ئوقۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ۋە قۇرئان كەرىم ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلىرى، قۇرئان كەرىمنى ئىزچىل ئوقۇپ تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى، ئۆزىنىڭ قۇرئان كەرىم بىلەن بولغان ھاياتى تەجرىبە-ساۋاقلىرىنى جانلىق مىساللار بىلەن ئوقۇرمەنلەرگە ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.

Image

ئايال ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانمىلار - (ئۇيغۇرچە)

«ئايال ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانمىلار» ناملىق بۇ ئەسەر، ئايال ساھابىلاردىن (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) 117 كىشىنىڭ شانلىق تەرجىمىھالىنىڭ قىسقىچى مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆلگىلىك ئىش-ئىزلىرى، ئىمانى ۋە ئىنسانى ئالاھىدىلىكلىرى، دىننى قوغداش ۋە تارىتىش يولىدا كورسەتكەن پىداكارلىقلىرى، ھىجرەت ۋە جىھاد مەزگىللىرىدىكى ئەزىيەتلەرگە سەبرى قىلىشى...قاتارلىق كۆپلىگەن گۈزەل خىسلەتلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە ئەينەن تەسۋىرلەپ....

Image

توي مۇراسىملىرىنى ۋىدىئوغا ئېلىش چەكلەنگەنمۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

مەن يېقىندا توي قىلماقچى ئىدىم، توي مۇراسىمىنى سۈرەتكە تارتىش ۋە ۋىدىئوغا ئېلىش ئىسلام دىنىمىزدا چەكلەنگەنمۇ؟، چۈنكى بىزنىڭ توي مۇراسىمىمىزنى كۆرۈشنى ئىختىيار قىلغان دوستلىرىمىز بار، مۇراسىمىنى سۈرەتكە تارتماستىن ۋىدىئوغا ئالساق بولامدۇ؟ بۇ ھەقتە شەرىئي چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Image

ھاياتىڭىزنى قايتىدىن تەرتىپلىۋېلىڭ - (ئۇيغۇرچە)

ئاپتور ماقالىسىدا، ئىنسان ھاياتىدا مۇئەييەن نىشان يۆلىنىشىنى بەلگىلەشنىڭ مۇھىملىقى، قايسى ئىشنى ئىلگىرى ۋە كېيىن قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىشى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ھەرقانداق ئىشتا نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن پىلانلىق خىزمەت يۆلىنىشى تۇرغۇزۇشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا ئەھمىيەتلىك پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

Image

ئىسلامى مۇنبەر ۋە تائەت-ئىبادەت - (ئۇيغۇرچە)

بىز بىر گۇرۇپ قىز-خانىملار، ساغلام ئېقىمدىكى ئىسلامى مۇنبەرلەردە باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيمىز، شۇنداقلا بۇ سەۋەبلىك مۇنبەردە نەچچە سائەتلەپ ئولتۇرىمىز، بىزنىڭ مۇنبەرلەردە ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلىرىمىز دىنى دەۋەت ھېسابلىنامدۇ؟ مۇنبەردە باشقۇرغۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش ئەۋزەلمۇ ياكى قۇرئان ئوقۇش ۋە تائەت-ئىبادەت قىلىشمۇ؟

Image

ھەجدىن كىيىنكى ھايات - (ئۇيغۇرچە)

ئاپتور ماقالىسىدا، ھەج ئىبادىتىنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى ۋە مۇسۇلمان ھاياتىدىكى رولى، ئىبادەت مەۋسۇملىرىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنىڭ مۇھىملىقى، ئىبادەتنىڭ قوبۇل بولغان ياكى بولمىغانلىقىنىڭ ئالامەت ۋە ئەسەرلىرى، مۇسۇلمان ئۆزىنىڭ دىنىنى مۇھاپىزەت قىلىش، ئەقىدىسىنى ساغلاملاشتۇرۇش، ئاللاھ پەرز قىلغان ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلىپ، چەكلىگەن ئىشلاردىن ساقلىنىش ئارقىلىق ئاخىرقى ھاياتىغىچە ئاللاھنىڭ دىنىدا مۇستەھكەم-تەۋرەنمەي تۇرۇشىنىڭ مۇھىملىقىنى....

Image

ياخشى گۇمان قەلب راھىتى - (ئۇيغۇرچە)

ئاپتور ماقالىسىدا، مۇسۇلمان ھاياتىدا ياخشى گۇماننىڭ ئەھمىيىتى، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە كىشىلىك تۇرمۇشتىكى رولى، باشقىلاردىن ياخشى گۇمان قىلىشقا ياردەمچى بولىدىغان ئاساسلىق ئامىللار، يامان گۇماننىڭ تەسەۋۋۇرسىز ئاقىۋىتى قاتارلىق مۇھىم مەلۇماتلارنى قۇرئان كەرىم ۋە ساغلام ھەدىسلەر بىلەن، شۇنداقلا سەلەپ-سالىھلارنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە گۇماننىڭ ماھىيىتىنى ئوچۇق يورۇتۇپ بېرىدۇ.

Image

چوشقا گۆشى ياكى ھارام نەرسىلەرنى يۆتكەشنىڭ ھۆكمى - (ئۇيغۇرچە)

مەن يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىنى توپ تارقىتىدىغان ئورۇندا ئىشلەيمەن، دۇكانلارغا تارقىتىلىدىغان مېۋە-چىۋە، سەي-كۆكتات ۋە ھەرتۈرلۈك گۆشلارنى ئامباردىن ماشىنىغا بېسىش جەريانىدا چوشقا گۆشى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى خېرىدارنىڭ تەلىپى بويۇنچە يۆتكەشكە مەجبۇر بولىمەن. بۇ ئورۇندا مەزكۇر ئىشلارنى قىلىشىمغا شەرىئەتنىڭ ھۆكمى نېمە؟ تىز تاماقخانا ۋە رىستۇرانتلاردا ئىش پۇرسىتى مەۋجۇت ئەمما ئۇلارمۇ بەزى تاماق تۈرلىرىگە....

Image

ئايالنىڭ ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز چېچىنى بويىشى ۋە كېسىشىنىڭ ھۆكمى - (ئۇيغۇرچە)

ئەرنىڭ ئايالىنىڭ چېچىنى كېسىش ۋە بوياشتىن چەكلىشى توغرىمۇ؟، ئايال شەرىئەتتە يولغا قويغان ئىشلارنى ئېرى رازى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا قىلسىچۇ؟ گۇناھ - مەئسىيەت بولمايدىغان ئىشلاردا ئايالنىڭ ئېرىگە ئىتائەت قىلىشىنىڭ چەك-چىگراسى نېمىلەردىن ئىبارەت؟.