×
Image

ئۆمرە ئىبادىتى بۇرۇن ئادا قىلىنامدۇ ياكى قەرزمۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

مەن ئايلىق ئىش ھەققىمدىن ئېشىنساملا ئۆمرە-ھەج قىلىمەن دەپ نىيەت قىلغان ئىدىم. ئەگەر ئايلىق ئىش ھەققىمدىن ئېشىنسام، ئۆتەشكە تىگىشلىك قەرزىم بار تۇرۇقلۇق ئۆمرە قىلسام توغرا بولامدۇ؟ ياكى قەرزنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئۆمرە قىلىمەنمۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن. ئاللاھ سىلەرگە كۆپلەپ ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن.

Image

قۇربان ھېيتى - (ئۇيغۇرچە)

«قۇربان ھېيتى»ناملىق بۇ ماقالىدا ئاپتۇر سۆزىنى تۆۋەندىكىدەك باشلايدۇ: مۇسۇلمان قېرىندىشىم! شۇ نەرسىنى ئېنىق بىلىڭكى، مۆمىنلەر ئۈچۈن دۇنيادا پەقەتلا ئۈچ ھېيىت بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى ھەر ھەپتىدە تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان جۈمە كۈنى، قالغان ئىككىسى يىلدا بىر قېتىمدىن كېلىدىغان رۇزا ۋە قۇربان ھېيتلىرىدىن ئىبارەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەن چاغدا ئۇلارنىڭ ئوينايدىغان ئىككى كۈنى....

Image

سۈننەتكە ئۇيغۇن ھەج قىلىش دېگەن نېمە؟ - (ئۇيغۇرچە)

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: «كىمكى ھەج پائالىيىتى جەريانىدا گۇناھ ئىشلىمەستىن ۋە يامان سۆز قىلماستىن ھەج قىلىدىكەن، ئۇ خۇددى ئانىسىدىن تۇغۇلغاندەك گۇناھتىن پاك ھالەتتە قايتىدۇ،» دېگەن ھەدىس شېرىپنى چۈشەندۈرۈپ قويغان بولساڭلار؟.

Image

ھەج ئۆمىكى بىلەن مەھرەمسىز ھەج قىلسام بولامدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

مەن ئائىلىدە يالغۇز قىز، مەن توي قىلغان، ھازىر ئىككى بالام بار، يولدىشىم بىلەن ئامېرىكىدا ياشايمەن، باشقا تۇغقانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرا شەرقتە ياشايدۇ، يولدىشىم مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئامېرىكىنىڭ سىرتىغا چىقالمايدۇ، مىنىڭ ھەج قىلىش شارائىتىم تولۇق، ھەج ئۆمەكلىرى بىلەن بىرگە پەرز ھەجنى ئادا قىلسام بولامدۇ؟ ئەگەر بۇنداق قىلىش توغرا بولمىسا مەن بۇ پەرزنى....

Image

ھەج قىلىشقا قادىر بولۇش دېگەن نېمە؟ - (ئۇيغۇرچە)

ھەج قىلىشقا قادىر بولۇشتىن  نېمە مەقسەت قىلىنىدۇ؟

Image

ئايالىنىڭ كېسەللىكى سەۋەبىدىن ھەجنى كېچىكتۈرسە بولامدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

يولدىشىم شىركەت مەسئۇلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىشى كۆپ ۋاقتى ناھايىتى قىس، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ يەنە بىر شېرىكى بولۇپ، ئۇنى ئورنىدا تۇرغۇزۇپ ھەج قىلىپ كەلسە كېلەلەيدۇ. لېكىن بۇ يەردە يەنە بىر قىيىنچىلىق بار، ئۇ بولسىمۇ مەن ھامىلدار، تەخمىنەن ھەجدىن ئالتە ھەپتە بۇرۇن بوشىنىمەن، ئاساسلىق مەسىلە، مېنىڭ سالامەتلىكىم ياخشى ئەمەس، بەدىنىمنىڭ پەي-مۇسكۇللىرى ئاغرىيدۇ، ئەركىن....

Image

مۇھەررەمنىڭ (ھىجىرىيە 1-ئاينىڭ) 9-10-كۈنلىرىدە روزا تۇتۇشنىڭ ئەۋزەللىكى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

مەن بۇ يىل مۇھەررەمنىڭ 10-كۈنى روزا تۇتۇشنى نىيەت قىلىۋاتىمەن، بەزى كىشىلەر 10-كۈنى بىلەن 9-كۈنىدە روزا تۇتۇشنى سۈننەت دەيدۇ،  بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرى بارمۇ؟.

Image

پەيغەمبەر تىبابىتى - (ئۇيغۇرچە)

«پەيغەمبەر تىبابىتى»ناملىق بۇ ئەسەردە، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تىبابەتكە ئائىت مەيلى قۇرئان ئايەتلىرى بولسۇن ۋە ياكى ئۆزىنىڭ سوزلىرى بولسۇن، ئۆزى داۋالىغان ۋە دىئاگىنوز قويغان ۋە ياكى داۋالىنىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بەرگەن قاتارلىقلارنى ئىسلام شەرىئىتىدىكى سەھىيە كۆز قاراشلىرى بىلەن ئىلمى ئاساستا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

Image

ئەمەل-ئىبادەت قېيىن بولغانسېرى ئەجىر-مۇكاپىتى كاتتا بولامدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

ئەمەل-ئىبادەت قېيىن بولسا، ئۇنىڭ ئەجرى-مۇكاپىتى كاتتا بولامدۇ؟ پىيادە مېڭىپ ھەج قىلسام، بۇنىڭ ساۋابى كوپ بولىدۇ دېگەن كىشىنىڭ سۆزى توغرىمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز.

Image

دوختۇر خانىم مەھرىمى بولمىسىمۇ ھەج ئۆمىكى بىلەن ھەجگە بارسا بولامدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

قىز-خانىملارنىڭ مەھرەمسىز ھەج قېلىشىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئۆتكەن يىلى مەھرىمىم بىلەن بىرلىكتە ھەج ئۆمىكى بىلەن بىرلىكتە ھەج قىلغان ئىدىم. بۇ يىل مەن بىلەن بىرگە بارىدىغان مەھرەم يوق، شۇنىڭدەك دوختۇرنىڭ ئۆمەك بىلەن بىرگە مېڭىشى بېكىتىلگەن. ھازىر ھەج ۋاقتى يېقىنلىشىپ قالغان ۋاقىتتا ئۆمەك باشقا بىر دوختۇر تېپىپ بولالمايدۇ. مەن قانداق قېلىشىم كېرەك؟.....

Image

ھەج قىلغاندىن كېيىن نامازنى تەرك قىلغان كىشى يەنە قايتىدىن ھەج قېلىشى كېرەكمۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

بىر كىشى ھەج قىلىپ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن نامازغا سۇسلۇق قىلدى ۋە تاشلىدى. كېيىن قىلمىشىغا پۇشايمان قىلىپ تۆۋە قىلدى. ئۇ كىشىنىڭ دەسلەپتە قىلغان ھەججى توغرا بولامدۇ، ئۇ ھەج ئىسلام بېكىتىلگەن پەرز ھەج ھېسابلىنامدۇ ياكى ئۇ تۆۋە قىلغاندىن كېيىن قايتىدىن ھەج قىلامدۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Image

ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن زېمىنغا چۈشۈپ يەنە ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەنمۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تەرىپىگە ئىككى قېتىم كۆتۈرۈلگەنمۇ؟ چۈنكى مەن بىر كىتابتا ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاسمانغا كاتۈرۈلگەندىن كېيىن، يەنە  زېمىن يۈزىگە قايتىپ كېلىپ، ئانىسىنى خاتىرجەم قىلىپ، يەھۇدىيلارغا بىر نەرسىدىن خەۋەر بېرىپ بولۇپ، قايتا ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەنلىكىنى ئوقۇدۇم. بۇ توغرىمۇ؟