بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 20/5/1430ھـ/ 2009-يىلى05-ئاينىڭ15-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ ھۈسەيىن ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئال-شەيخ سۆزلىگەن. خۇتبىدا مۇسۇلمانلارنىڭ كاپىر قەۋملەرگە ئوخشىۋالماستىن، ئىسلام پرىنسىپىدا مۇستەھكەم تۇرۇشىنىڭ مۇھىملىقى، يات دىندىكى مىللەتلەرنى دوراش ۋە ئۇلارغا ئەگىشىش،(مەيلى ئۇ ئۆرپ-ئادەت ياكى مەدەنىيەت بولسۇن)ئىسلام دىنىمىزدا چەكلەنگەنلىكىنى قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا يورۇتۇپ بېرىش....
ئىسلام پرىنسىپىدا مۇستەھكەم تۇرايلى - (ئۇيغۇرچە)
بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 2/8/1430ھـ 2009-يىلى07-ئاينىڭ24-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق ۋە ئېھسان قىلىشنىڭ پەزىلىتى، ئىنسان ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ بەرىكىتى، رەھمىتى ۋە رازىلىقنى قولغا كەلتۈرسە، ئۇلارغا ئازار بېرىش ۋە پەرزەنتلىك بۇرچىنى ئادا قىلماسلىق بىلەن ئاللاھنىڭ غەرىپى ۋە لەنىتىگە....
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ2/8/1430ھـ2009-يىلى07-ئاينىڭ24-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇمەيد سۆزلىگەن. خۇتبىدا دىننىڭ ھەقىقى ماھىيىتىگە ئەمەل قىلىپ ياشاشنىڭ مۇھىملىقى ۋە دۇنيا -ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ئۈچۈن بېرىلىدىغان مۇكاپاتلار، «توغرا يولدا مېڭىش» دېگەن سۆزنىڭ ئىسلام ۋە شەرىئەت تەقەززاسى بىلەن دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ھاياتتىن ناھايىتى مول....
ئىسلامدا ئائىلىنىڭ ئورنى - (ئۇيغۇرچە)
ئىسلام ئائىلىگە، ئەر-ئايال ۋە پەرزەنتلەرنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى رولىغا قانداق قارايدۇ؟، بۇ ھەقتە تەپسىلى چۇشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئىسلامدا ۋەتەن سۆيگۈسى - (ئۇيغۇرچە)
بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 16/8/1430ھـ 2009-يىلى08-ئاينىڭ07-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبىنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى مۇھەممەد ئال-تالىب سۆزلىگەن. خۇتبىدا ۋەتەننىڭ ئەھمىيىتى، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى بىلەن ئىسلام ئەقىدىسى ئوتتۇرىسىدا زىتلىقنىڭ يوقلىقى، بەلكى بۇ ئىككى خىل كۆز قاراش بىربىرى بىلەن بىرىككىنىدە مىللەتنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىنى نەتىجىلىك قولغا كەلتۇرۇش ئىمكانىيىتىنىڭ زور ئىكەنلىكى....
كۇندۈلۈك دۇئا ۋە زىكىرلەر - (ئۇيغۇرچە)
قولىڭىزدىكى بۇ كىچىك رىسالە مۇسۇلماننىڭ كۇندۈلۈك ھاياتىدا ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىغا تەلىم بەرگەن دۇئا ۋە زىكىرلەردىن ئىبارەتتۇر.
تەۋبە ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى - (ئۇيغۇرچە)
تەۋبە ۋە ئۇنىڭ شەرتلىرى ناملىق بۇ ماقالىنى دىنى زىيالى سىراجىددىن ئەزىزى ئەپەندىم نەشىرگە تەييارلىغان بولۇپ، ئاپتۇر ماقالىنىڭ ئومۈمى مەزمۇنىنى ئىمام ئىبنى قەييۇم جەۋزىنىڭ تۆۋەندىكى سۆزىگە يېغىنچاقلايدۇ. "تەۋبە ئىرادە ۋە قەستنى كۈچلاندۇرىدىغان پۇشايماندۇر. پۇشايماننىڭ ئالامىتى سادىر قىلغان گۇناھلىرىغا ئۆمۈر بويى پۇشايمان قىلىش ئارقىلىق كىلىچەكنى ئىسلاھ قىلىش دىمەكتۇر".
بىدئەت ھەققىدە چۈشەنچە - (ئۇيغۇرچە)
«بىدئەت ھەققىدە چۈشەنچە» ناملىق بۇ ماقالىدا، مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنىڭ پارلاق دىنىنىڭ روھىدىن ئۇزاقلاشقاندىن كېيىن، بارچە ئەقلىي كۈچىنى بىدئەتلەرنى ئىختىرا قىلىش بىلەن زايا قىلىپ ئىختىرا ۋە ئىجاد قىلىشى تەلەپ قىلىنغان دۇنيا ئىشلىرىدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇرچىنى ئونۇتقانلىقى، ئەسلىدە، دىنىي ئىشلاردا شەرىئەتنىڭ كۆرسەتمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىن چەتنىمەسلىك؛ دۇنيا ئىشلىرىدا بولسا تەرەققى قىلىپ ئىلگىرىلەش،....
بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز(بالىلار ئۈچۈن) - (ئۇيغۇرچە)
«بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز» ناملىق بۇ ئەسەر سۆيۇملۇك ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن تەييارلانغان بولۇپ، پەيغەەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كىلىشى، ئائىلە كىلىپ چىقىشى، ئوسمۇرلۇك دەۋرى، پەيغەمبەر بولۇشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىنكى ھاياتى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىقى، ئەخلاقى، سەۋىرچانلىقى،كەمتەرلىكى، ئىنسانپەرۋەرلىكى...قاتارلىق پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتىغا ئائىت، ياش ئۆسمۇرلەرنىڭ بىلىشى زورۇر دەپ قارالغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئوسمۇرلەر ئۈچۈن دەسلەپكى ئىسلام تەلىماتى - (ئۇيغۇرچە)
«ئوسمۇرلەر ئۈچۈن دەسلەپكى ئىسلام تەلىماتى» ناملىق بۇ ئەسەر، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ، ئېتىقاتلىق، بىلىملىك، ئەدەپلىك ۋە غەيرەت شۇجائەتلىك ، ئىمانى ۋە ئىنسانى پەزىلەت بىلەن ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئالاھىدە تۇرتكە بولغۇسى، ئۇنىڭغا قانداق تەربىيەلەرنى بىرىشىمىز ، نىمىلەرنى ئۈگۈتۇشىمىزنىڭ لازىملىقى توغرىسىدا ئوسمۇرلەرنىڭ ئېڭىغا ماس ھالدا، قۇرئان ھەدىسلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ چۇشۇنۇشلىك قىلىپ بۇ ھەقتە....
ئىز باسار تۆت خەلىپە - (ئۇيغۇرچە)
«ئىز باسار تۆت خەلىپە » ناملىق بۇ ئەسەر ئەبۇبەكرى سىددىق، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئوسمان ئىبنى ئەففان، ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) قاتارلىق پەزىلەتلىك تۆت ساھابىنىڭ ھاياتى ۋە ئىش ئىزلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ خەلىپىلىك دەۋرىدىكى ئىسلامغا قوشقان تۆھپىلىرى، دىن تارقىتىش يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىق روھلىرى قاتارلىقلارنى جانلىق تەسۋىرلەپ بېرىدۇ.
ئىسلام تەلىماتى - (ئۇيغۇرچە)
«ئىسلام تەلىماتى» بۇ ئەسەر كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ چۈشۇنىشى قولاي بولسۇن ئۈچۈن سۇئال - جاۋاپ ئۇسلۇبى بىلەن تەييارلانغان بولۇپ، ئىنسان ھاياتىدا بىلىشى زۆرۈر دەپ قارالغان بەزى بىر مۇھىم مەسىلىلەرنى، مەيلى ئۇ ئەقىدىگە ئائىت ۋەياكى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى پىقھى مەسىلىلەرگە ئائىت بولسۇن قۇرئان ۋە ھەدىسگە تايانغان ئاساستا، ئۇ مەسىلىلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە ئۈچۈق يورۇتۇپ بېرىدۇ.

API


