×
Image

بىلمەي تۇرۇپ پەتىۋا بېرىش ئاپەتتۇر - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 16/5/1431 ھـ 2010-يىلى04-ئاينىڭ30-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، پەزىلەتلىك شەيخ سەلاھ ئىبنى مۇھەممەد ئەلبۇدەير سۆزلىگەن. خۇتبىدا، بىلمەي تۇرۇپ پەتىۋا بېرىشنىڭ شەخس ۋە جەمئىيەتكە بولىدىغان خەتىرى، شەرىئەت ئەھكاملىرىنى خالىغانچە ئاياغ ئاستى قىلىشقا بولمايدىغانلىقى، بەزى مەسىلىلەرگە يۈزەكى قاراپ بىنورمال پەتىۋالارنى بېرىش دىنى ئەھكاملارغا ئېتىبارسىز قارىغانلىق بولىدىغانلىقى، بىلمەي تۇرۇپ....

Image

ئىسلامدا كىشىلىك ھوقۇق - (ئۇيغۇرچە)

تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرياتى تەرىپىدىن نەشىرگە تەييارلانغان «ئىسلامدا كىشىلىك ھوقۇق» ناملىق بۇ ئەسەر، ئىنسان ھەقلىرى توغرىسىدا يېزىلغان سىېلىشتۇرما خاراكتېرلىق كىتاب بولۇپ، ئىسلامدا ھۆرىيەت چۈشەنچىسى، ئىنسان ھەقلىرى نىزامنامىسىنىڭ تارىخى ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى، ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئىنسانىيەت ھەق-ھوقۇقىغا ئائىت نۇقتىلىق بەش نەرسىنى ھىمايە قىلىشنى ئۆز ئۇستىگە ئالغانلىقى، كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئىسلام شەرىئىتى ۋە ھازىرقى زامان....

Image

سەلەپىي ۋە ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئاتالغۇسىنى ئايرىپ قوللىنىش توغرا ئەمەس - (ئۇيغۇرچە)

سەلەپىي بىلەن ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئاتالغۇسىنى ئايرىپ چۈشەنگۈچى كىشىلەرگە بولغان قارىشىڭلار قانداق؟. بۇ خىل كۆز قاراشتىكى كىشىلەر پىشقەدەملىرىنىڭ سۆزلىرىگە ئاساسەن سەلەپىينى ئەھلى سۈننەتتىن ئايرىم ۋە خاسلىققا ئىگە بىر جامائەت دەپ قارايدۇ. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمىز؟.

Image

قۇرئان كەرىم ئۆگىنىش بالىلار پروگراممىسى - (ئۇيغۇرچە)

بۇ قۇرئان كەرىم ئۆگىنىش پروگراممىسى(ئەممە پارە) ياش ئۆسمۈرلەر ۋە قىسقا سۈرىلەرنى يادلاشقا ھەۋەس قىلىدىغانلار ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان بولۇپ، تولۇق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان، ئىشلىتىشكە قولاي، خالىغان سۈرە ۋە ئايەتلەرنى تاللاپ ئاڭلاش ۋە ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە سۈرە ۋە ئايەتلەرنى تەكرار-تەكرار ئاڭلاش ۋە ئوقۇش مۇمكىن.

Image

ئاللاھدىن قورقۇش ۋە تەقۋادارلىق - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەككە مۇكەررەمە ھەرەم مەسچىتىنىڭ 0/9/1431ھـ 2010-يىلى08-ئاينىڭ13-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ سالىھ ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى ھۇمەيد سۆزلىگەن. خۇتبىدا مۇبارەك رامىزان ئېيى كېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ھەرقانداق مۇسۇلمان ئۆزىنى تەكشۈرۈپ چىقىشىنىڭ مۇھىملىقى، ئاللاھتىن قورقۇشنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى، قەلب پاكلىقى ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ۋە قورقۇش ئارقىلىق....

Image

مۇسۇلمان ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھۆكۈملەر - (ئۇيغۇرچە)

«مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان ھۆكۈملەر» ناملىق بۇ ئەسەر ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ مۇسۇلمانلىرىنىڭ ﺋﯚﺯ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ رەۋىشتە ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ پايدىلىقتۇر. بۇ كىتاب دىنى ھۆكۈملەرنى بىلمەيدىغان ياكى بىلىشكە قىزىقىدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق ئەسەر دەپ قارىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشى ۋە ئەمەل قىلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

Image

ئاللاھتىن قورقۇش بەخت-سائادەتنىڭ ئاچقۇچى - (ئۇيغۇرچە)

بۇ مەدىنە مۇنەۋۋەرە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ 15/10/1431ھـ 2010-يىلى09-ئاينىڭ24-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسى بولۇپ، خۇتبنى پەزىلەتلىك شەيخ ئەلى ئىبنى ئابدۇرەھمان ئەلھۇزەيپى سۆزلىگەن، خۇتبىدا ئاللاھتىن قورقۇش ۋە تەقۋادارلىق قىلىش دۇنيا-ئاخىرەت سائادىتىنىڭ ئاچقۇچى، بارلىق پەيغەمبەرلەر تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ ماھىيىتىنى زېمىندا يېيىش ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسى بىلەن ئىنسانىيەتنى ھەقىقەتكە يېتەكلەش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەنلىكى توغرىسىدا توختالدى.

Image

ئىنتېرنېت ۋە دىنى تەشۋىقات - (ئۇيغۇرچە)

ئاپتور ماقالىسىدا ئىنتېرنېتنىڭ مەيدانغا كېلىشى، ئۇنىڭ تەرەققىيات ۋە قوللىنىش جەريانى، ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئاقارتىش خىزمىتىگە توھپە قوشۇش ۋە تەشۋىقاتچىلارنىڭ دىنى دەۋەتنى مىللەتكە يەتكۈزۇش ئۈچۈن تىخىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىپ تەشۋىقات ئىلىپ بېرىشىنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا توختىلىدۇ.

Image

ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر كىم؟ (بالىلار ئۈچۈن) - (ئۇيغۇرچە)

«ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر كىم؟» ناملىق بالىلار ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ ئەسەردە، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشنىڭ مۇھىملىقى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ بىلىۋېلىشى مۇھىم دەپ قارالغان، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قاچان، نەدە دۇنياغا كەلگەنلىكى، قاچان، نەدە ۋاپات بولغانلىقى، رەسۇلۇللاھ دىنى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش جەريانىدا تارتقان ئەزىيەتلەرگە ئوخشىغان بەزى مۇھىم تارىخى مەلۇماتلارغا ئورۇن بېرىلدى.

Image

ئاتا-ئانىغا ئېھسان قىلىش پەرزەنتلەر ئۇستىدىكى ۋاجىپتۇر - (ئۇيغۇرچە)

ئاتا-ئانىغا ئېھسان قىلىش پەرزەنتلەر ئۇستىدىكى مەجبۇرىيەت، ناملىق بۇ ماقالە دىنى زىيالىلىرىمىزدىن بولغان،ئابدۇۋاھاب مۇھەممەد، مۇھەممەد مۇسا ئەپەندىملەر تەرىپىدىن تەييارلانغان بولۇپ، ماقالىدە ئاتا-ئانىنىڭ پەرەنتلەر ئۇستىگە يۇكلەنگەن مەجبۇرىيىتى ۋە ئۇلارغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇش قاتارلىقلارنى قۇرئان، ھەدىسگە تايانغان ئاساستا ئوقۇرمەنلەرگە ئەتراپلىق يورىتىپ بىرىدۇ. ئەگەر سىز ئاتا-ئانىڭىزنى رازى قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قازىناي دىسىڭىز مانا....

Image

ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى - (ئۇيغۇرچە)

بۇ ئەسەر پەيغەمبەرلەر قىسسىلىرى ئارىسىدا ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن تۈزۈلگەن بولۇپ، قۇرئان كەرىمدە ئىسمى تىلغا ئىلىنغان بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسىلىرىنى بايان قىلىدۇ. بۇ ئەسەر، تارىخى يازمىلار ئارىسىدىن ئورۇن ئالسىلا بولىدىغان ياكى ئىسلامدىن ئىلگىرىمۇ باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ بارلىقىنى ئېسىمىزگە سالىدىغان رولىنىلا ئوينىماستىن بەلكى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلىشىنى ھەرۋاقىت ئىسىدىن چىقارمىغانلارنىڭ قەلبلىرىگە جۇشقۇن روھ ۋە....

Image

جەننەتكە چاقىرىق - (ئۇيغۇرچە)

ئاپتور ماقالىسىدا، بەندىنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدىغان پەزىلەتلىك ئەمەللەرنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، جەننەتنى قانداق قازىنىش ۋە دوزاختىن قانداق يىراقلىشىش كېرەكلىكى، ئاللاھ ھەرۋاقىت بەندىلىرىنى جەننەتكە چاقىرىدىغانلىقىنى سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.