« نىجاتلىق يولى» ناملىق بۇ ئەسەر مەرىپەتپەرۋەر دىنى زات ئۇستاز ئابدۇلئەھەد ھاپىز قاراجىم تەرىپىدىن مۇھەممەد ئىبنى سالىم ئىبنى ھۇسەيىن ئەلبەيھانى نىڭ «جەمىيەتنى ئىسلاھ قىلىش»دىگەن شۇ ناملىق ئەسىرىگە ئاساسلىنىپ ئوزگەرتىپ ئىشلەندى.بۇ كىتاپ ئوزىنىڭ ئاممىبابلىقى بىلەن دىنى, ئىجتىمائى, ئەخلاقى, ئىقتىسادى قاتارلىق ئىنسان ھاياتىدا ئۇچرايدىغان ئومۇمى مەسىلىلەرگە ئوچۇق دېئاگۈنۇز قويۇش بىلەن بىرگە جانلىق....
نىجاتلىق يولى - (ئۇيغۇرچە)
ئىسلامدا ئاياللارنىڭ ئورنى - (ئۇيغۇرچە)
«ئىسلامدا ئاياللارنىڭ ئورنى» بۇ ماقالىدا ئاياللار ھاياتتا ئىززەت- ئىكرامغا ئىرىشىش ئۈچۈن ئەسلىيىتىگە قايتىشى لازىملىقى. بىراق، دىن دۈشمەنلىرى دائىم ئىلىمنى يالىڭاچلىقتىن، مەدەنىيەتنى ئۆزلۈكتىن تېنىشتىن ئايرىغىلى يول قويمايدىغانلىقى، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى خۇنۇكلەشتۈرۇش ئۈچۈن ھەر دائىم بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى باغلاشقا تۈرلۈك ۋاستىلارنى قوللىنىدىغانلىقى جانلىق مىساللار بىلەن ئەكىس ئەتتۇرۇپ بىرىلگەن.
كېمىكى ئاللاھ يۇلىدا بىر نەرسىدىن ۋاز كەچسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشىسىنى تولۇقلاپ بىرىدۇ - (ئۇيغۇرچە)
«كېمىكى ئاللاھ يۇلىدا بىر نەرسىدىن ۋاز كەچسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشىسىنى تولۇقلاپ بىرىدۇ» ناملىق بۇ ماقالىدا ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن دىندا چەكلەنگەن ئىشلاردىن ئاللاھ رىزالىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنىڭدىن قول ئۇزسە ئاللاھ ئۇنىڭ بارلىق مۇشەققەتلىرىنى ئاسانلاشتۇرىدىغانلىقى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سائادەتكە ئىرىشىدىغانلىقىنى 20 نۈقتىغا يىغىنچاقلاپ بايان قىلىدۇ.
ئىسلامدا ئەقىل ئۇقۇمى - (ئۇيغۇرچە)
«ئىسلامدا ئەقىل ئۇقۇمى» ناملىق بۇ ماقالىدا، قەدىمكى ئىسلام ئالىملىرى ئەقىلنى تەبىئىي بار بولغان ئەقىل ۋە تەجرىبىلەر ئاساسىدا ئېرىشىلگەن ئەقىلدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا ئايرىغانلىقى.تەبىئىي بار بولغان ئەقىل ئىدراك، چۈشىنىش، ئىشلارنى تەبىئىيلا ياخشى ئورۇنداش قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارنى كۆزدە تۇتقانلىقى توغرىسىدا بولۇپ،مانا بۇ ماقالىمىزنىڭ تۈپ تېمىسى.
نامازنى تەرك قىلغۇچىنىڭ ئاقىۋىتى - (ئۇيغۇرچە)
«نامازنى تەرك قىلغۇچىنىڭ ئاقىۋىتى» ناملىق بۇ ماقالىدا، نامازنى تەرك قىلغۇچى قىيامەت كۈنىدە فىرئەۋن ۋە ھامانلار بىلەن ھەشر قىلىنىدىغانلىقى. نامازنى تەرك قىلغۇچى پەيغەمبىرىمىزنىڭ شاپائىتىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقى. ئاللاھ پەيغەمبىرىمىزگە ئاتا قىلغان ھەۋزى كەۋسەردىن سۇ ئىچەلمەيدىغانلىقى، ؛كىمكى نامازنى تولۇۇق ئادا قىلسا، قىيامەت كۈنىدە نامىزى نۇر ۋە ھۆججەت بولۇپ نىجاتلىققا ئىرىشىدىغانلىقى توغرىسىدا قۇرئان سۇننەتكە....
ئىسلام ۋە كەمبەغەللىك - (ئۇيغۇرچە)
«ئىسلام ۋە كەمبەغەللىك»ناملىق بۇ ماقالىدا، ئىسلام دىنىنىڭ بىكار تەلەپلىكنى ياقتۇرمايدىغانلىقى، خىزمەت قىلىشقا ۋە دۇنيانىڭ ھەر تەرەپلىرىدىن رىزىق ئىزدەشكە قىزىقتۇرىدىغانلىقى، رىزىق ئۈچۈن جاھان كەزگەنلىكنى-نىيەت توغرا بولسا، ئامانەتكە رىئايە قىلىنسا، ئىبادەت ۋە جىھاد دەپ قارايدىغانلىقى، زاكات ۋە ئىقتىسادلىق كىشىلەرنىڭ يوقسۇللۇقنى تۇگۇتۇشتىكى رولى قاتارلىقلارنى ئىسلامى كۆز قاراشنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ تەپسىلى بايان قىلىدۇ.
ئاياللار ئۈچۈن مۇھىم پەتىۋالار - (ئۇيغۇرچە)
«ئاياللار ئۈچۈن مۇھىم پەتىۋالار» ناملىق بۇ كىتاپتا، شەرىئەت، ئىجتىمائى تۇرمۇش، پىسخىك ۋە كىشىلىك جەمىيەت قاتارلىق ساھالەرگە چىتىلىدىغان ئاياللارغا ئائىت مەسىلىلەرگە، داڭلىق ۋە ئىشەنچىلىك دىنى ئۆلىمالارنىڭ بەرگەن پەتىۋالىرى ۋە ھۆكۈملىرى بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇ كىتاپچە ئۇيغۇر خانىم- قىزلىرىغا، بەزى مۇھىم مەسىلىلەردە ياردەمچى بولغۇسى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلاد تەربىيىلەش ئۇسۇلى - (ئۇيغۇرچە)
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلاد تەربىيىلەش ئۇسۇلى» ناملىق بۇ ئەسەردە، پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىغا تاپشۇرۇلغان ئامانەت ئىكەنلىكى، ئۇلارنى ساغلام يېتەكچى بولالايدىغان ئىسلام تەربىيەسىدىن ئىبارەت، بۇ بۈيۈك يېتەكچى بىلەن تەربىيىلەش كېرەكلىكى، شۇنداق قىلغىنىمىزدا پەرزەنتلىرىمىزنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىگە تەۋرەنمەس ئۈل ھازىرلىغان بولىدىغانلىقىمىز ۋە ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلغان بولىدىغانلىقىمىزنى قۇرئان ۋە ھەدىسگە تايىنىپ تۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
قۇرئان كەرىم ھەقىقەت - (ئۇيغۇرچە)
«قۇرئان كەرىم ھەقىقەت» ناملىق بۇ كىتاپ ئىلىم- پەننىڭ ھەر-خىل ساھەلىرىدە ئىختىساسلاشقان 14ئىلىم پەن خادىملىرى بىلەن بولغان، ئىلمى سۆھبەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ سۆھبەتنىڭ مۇددىئاسى ئىسلام دىنىنىڭ ئىنسانىيەتنى ئىلىم-مەرىپەت ئۇگۇنىشكە پائال تەشەببۇس قىلغانلىقى ۋە تەبىئى پەن ھەقىقەتلىرى بىلەن ئىسلام دىنى ئوتتۇرىسىدا ئاتالمىش «توقۇنۇش»نىڭ ھەزگىزمۇ يوقلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، قۇرئان كەرىمنىڭ....
روزا ھەققىدە دەسلەپكى چۇشەنچە - (ئۇيغۇرچە)
«روزا ھەققىدە دەسلەپكى چۇشەنچە» ناملىق بۇ ماقالە، روزا تۇتقۇچىلارنىڭ ئالدىن بىلىشى زورۇر دەپ قارالغان، روزىغا ئائىت بەزى مەسىلىلەر، روزىنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى، روزىدىن مەقسەت نېمە ئىكەنلىكى، رۇزىنىڭ تەرىپى، رۇزىنىڭ پەزىلىتى ...قاتارلىق مەسىلىلەرنى رامىزاننىڭ كېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن كەڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھۆزۇرىغا سۇنۇلدى.
«رامىزاننى قانداق قارشى ئېلىش توغرىسىدا تەكلىپ ۋە لايىھەلەر» ناملىق بۇ ماقالىدا، قانداق قىلغاندا روھانىيىتىمىزنى تەربىيەلەيمىز؟ رامىزاندا ئائىلىدە ئىلىپ بىرىلىدىغان تەربىيە خاراكتىرلىق پائالىيەتلەر، مەسجىدلەرنىڭ رامىزاندىكى رولى...قاتارلىق بىر قىسىم مۇھىم مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
مۇبارەك رامىزان ئېيىنى قانداق قارشى ئالىمىز؟ - (ئۇيغۇرچە)
«مۇبارەك رامىزان ئېيىنى قانداق قارشى ئالىمىز؟» ناملىق بۇ ماقالىدا، ئۆزىنى مۇسۇلمان ساناپ يۈرگەن ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ رامىزاندىن ئىبارەت، بۇ ئىبادەت مەۋسۇمىنى قولدىن بەرمەسلىكى، ئىبادەتكە، خەير ـ ساخاۋەتكە ھېرىسمەن بولۇشى، ھەر قانداق بىر سالىھ ئەمەل بولسا باشلامچىلىق بىلەن گويا مۇسابىقىگە چۈشكەندەك بەسلىشىپ تۇرۇپ ئادا قىلىشقا تىرىشىشى لازىملىقى توغرىسىدا چۇشەنچە بىرىدۇ.

API

