×
Image

روزا تۇتقۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاق ۋە چۇشەنچە - (ئۇيغۇرچە)

«روزا تۇتقۇچىدا بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاق ۋە چۇشەنچە» ناملىق بۇ ماقالىدا، رامىزان ئېيىدا گۇناھ – مەئسىيەتتىن، چەكلەنگەن گەپ- سۆزدىن، ھارامغا قاراشتىن، ھارام قىلىنغان يەرگە قاراشتىن، ھارام قىلىنغان نەرسىنى ئاڭلاشتىن، ھارام يېيىش، ھارام ئىچىشتىن ساقلىنىش ئارقىلىق جەھەننەم ئازابىدىن يىراق تۇرۇشقا تىرىشىشىمىز لازىملىقى، بىر ئاي روزا تۇتۇش ئارقىلىق، ئۇنىڭدىن قازانغان روھانى كۈچنى داۋاملىق....

Image

رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى - (ئۇيغۇرچە)

«رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى» ناملىق بۇ ماقالىدا،رامىزان ئېيىنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى، بۇ مۇبارەك ئاينىڭ باشقا ئايلاردىن پەرقلىق ئىكەنلىكى، بۇ ئاينى ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلار ئۈچۈن رەھمەت ۋە مەغپىرەت ئېيى قىلىپ بېكىتكەنلىكى،ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىگە ھەسسىلەپ ئەجىر ۋە مۇكاپات بىرىدىغانلىقى قاتارلىقلار توغرىسىدا قۇرئان ۋە سەھىھ ھەدىسلەر بىلەن تەپسىلى چۇشەنچە بىرىدۇ.

Image

روزا ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە - (ئۇيغۇرچە)

«روزا ھەققىدە تەپسىلى چۈشەنچە»ناملىق بۇ ماقالىدا، روزىنىڭ ئېنىقلىمىسى ۋە ئۇنىڭ ماھىيىتى، روزىنىڭ كىملەرگە پەرز بولىدىغانلىقى، روزا تۇتۇشنىڭ شەرتلىرى، روزىنىڭ پەرز ۋە سۈننەتلىرى، روزىنى بۇزىدىغان ئامىللار، روزىدىكى مۇستەھەب ئەمەللەر قاتارلىقلار ھەققىدە قۇرئان، ھەدىس ۋە مەشھۇر ئولىمالارنىڭ كۆز قاراشلىرى بىلەن تەپسىلى چۇشەنچە بىرىدۇ

Image

ئاياللار، بىمارلار، مۇساپىر قاتارلىقلارغا ئائىت روزا ھەققىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر - (ئۇيغۇرچە)

«ئاياللار، بىمارلار، مۇساپىر قاتارلىقلارغا ئائىت روزا ھەققىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر» ناملىق بۇ ماقالىدا، ئاياللارغا ئائىت روزا ھەققىدىكى خۇسۇسى ھۆكۈملەر، بىمار ۋە بىتاب، سەپەر ئۇستىدىكى كىشىلەر قاتارلىقلارغا شەرىئەتنىڭ روزا ھەققىدىكى كۆرسەتمىلىرىنى قۇرئان كەرىم ۋە ساغلام ھەدىسلەرگە تايىنىپ بايان قىلىپ بىرىدۇ.

Image

روزىنىڭ پەرز قىلىنىشىدىكى ھېكمەت ۋە ئۇنىڭ پايدىلىرى - (ئۇيغۇرچە)

«روزىنىڭ پەرز قىلىنىشىدىكى ھېكمەت ۋە ئۇنىڭ پايدىلىرى» ناملىق بۇ ماقالىدا، روزىنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى ۋە قاچان پەرز قىلىنغانلىقى، ئۇنىڭ كىشىلىك جەمئىيەتكە بولىدىغان، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك پايدىلىرى، روزىنىڭ ئىنسانغا، سىلە-رەھىم، سەۋىرچانلىققا ئوخشاش بۈيۈك ئىنسانى ئەخلاقنى يېتىلدۇرۇش بىلەن بىرگە مۇسۇلمانغا خاس ئىرادىنى تاۋلاپ چىقىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بىرىدۇ.

Image

رامىزاندىكى پەزىلەتلىك ۋاقىتلار - (ئۇيغۇرچە)

«رامىزاندىكى پەزىلەتلىك ۋاقىتلار»ناملىق بۇ ماقالىدا، رامىزان ئېيىدىن ئىبارەت بۇ ئۈلۈغ ئايدا قۇرئاننىڭ نازىل بولغانلىقى،ئاللاھ ئۈچۈن خالىس قىلىنغان ئىبادەتكە ھەسسىلەپ ئەجىر بىرىدىغانلىقى، تەرەۋىھ نامىزىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭغا ئائىت بەزى ئەھكاملار،ئاخىرقى ئونىنىڭ پەزىلىتى،قەدىر كېچىسىنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ ئىسلام ئەھلىگە بىرىلگەن بۈيۈك نىمەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

Image

رامىزاننىڭ شاراپىتىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشتىكى 10 تەۋسىيە - (ئۇيغۇرچە)

«رامىزاننىڭ شاراپىتىدىن تولۇق بەھرىمەن بولۇشتىكى 10 تەۋسىيە » ناملىق بۇ ماقالىدا،رامىزان ئېيى ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش، يامان ئادەتلەرنى تاشلاش، ئېسىل پەزىلەتلەرنى، گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆزىدە يەرلەشتۈرۈش، ئىستىقامەتتە مۇستەھكەم بولۇش ۋە ئىماننى يېڭىلاش پۇرسىتى ئىكەنلىكى، رامىزان ئېيىدىكى روزا تەربىيە خاراكتېرلىك ئىبادەت بولۇپ، بۇ روزىدىن مەقسەت ئەتىگەندىن كەچكىچە قورساقنى ئاچ قويۇپ بېھۈدە قىينىلىش ئەمەس،....

Image

روزا ھەققىدە كۆپرەك سورىلىدىغان سۇئاللارغا جاۋابلار - (ئۇيغۇرچە)

«روزا ھەققىدە كۆپرەك سورىلىدىغان سۇئاللارغا جاۋابلار» ناملىق بۇ ماقالە رامىزان ئېيىدا كۆپ سورىلىدىغان، پەرز ۋە نەپلە روزىلارغا ئائىت ھەر قانداق كىشىنىڭ بىلىۋىلىشى زورور بولغان ۋە مۇھىم دەپ قارالغان 40 سوئالنىڭ جاۋابى بولۇپ، ئۇيغۇر روزىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ چۇشۇنۇشلىك ۋە ئېخچام ھالدا ئوقۇرمەنلەر ھۆزۇرىغا سۇنۇلدى.

Image

روزىنىڭ تۇرلىرى - (ئۇيغۇرچە)

«روزىنىڭ تۇرلىرى»ناملىق بۇ ماقالىدا , دىنىمىزدا روزىنىڭ 6 تۈرلۈك بولىدىغانلىقى، ئۇلار: پەرز، ۋاجىب، سۈننەت، ھارام، مەكرۇھ ۋە نەپلە قاتارلىق روزىلار ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇ روزىلارغا دائىر شەرىئەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى قۇرئان كەرىم ۋەھەدىس شەرىپلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ تەپسىلى چۇشەنچە بەرگۇسى.

Image

ئېتىكاپ توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

«ئېتىكاپ توغرىسىدا»ناملىق بۇ ماقالىدا، ئېتىكاپنىڭ ماھېيىتى ۋە ئۇنىڭ پەزىلەتلىرى،ئېتىكاپنىڭ تۇرلىرى، قەيەردە بولىشى كېرەكلىكى ۋە ئۇنىڭ نىيەتلىرى،ئېتىكاپنىڭ شەرتلىرى ۋە ئۇنى بۇزىدىغان ئامىللار قاتارلىق ئېتىكاپقا ئائىت مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە ھەدىسنى چىقىش قىلغان ئاساستا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

Image

فىتىر سەدىقىسى ھەققىدە - (ئۇيغۇرچە)

«فىتىر سەدىقىسى ھەققىدە» ناملىق بۇ ماقالىدا ،ئىسلام شەرىئىتىدە فىتىر سەدىقىسىىنىڭ قاچان يولغا قويۇلغانلىقى ۋە ئۇنىڭ يولغا قويۇلىشىدىكى ھېكمەت،ئۇنىڭ كىملەرگە بىرىلىدىغانلىقى ۋە مىقدار ئۆلچىمى...قاتارلىق فىتىر سەدىقىسىگە ئائىت ھۆكۇملەرنى تەپسىلى بايان قىلىدۇ.

Image

شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن رۇزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

«شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن رۇزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا»ناملىق بۇ ماقالىدا ، شەۋۋال ئېيىدا ئالتە كۈن نەپلە روزا تۇتۇشنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ پايدىلىرى، ئاللاھ تەرىپىدىن ئۇنىڭ ئۈچۈن بىرىلىدىغان ساۋاپلار ۋە ئۇنىڭغا ئائىت بەزى ھۆكۇملەر ساغلام ھەدىسلەرگە تايانغان ھالدا ئوقۇرمەنلىرىمىزگە بايان قىلىنىدۇ.