×
Image

رامىزان ۋە كېچە نامازلىرى - (ئۇيغۇرچە)

رامىزان ۋە كېچە نامازلىرى ناملىق بۇ ئەسەردە، كېچە نامازلىرىنىڭ پەزىلىتى ۋە رامىزان ئېيىدا نەپلە نامازلارغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشنىڭ مۇھىملىقى، ئۇ بولسا سالىھ كىشىلەرنىڭ ئىبادەتكە تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە ئاللاھنىڭ تەقۋادار بەندىلىرىنىڭ شەنى ئىكەنلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەرنى قىلىدۇ.

Image

رامىزان ۋە سەدىقە - (ئۇيغۇرچە)

رامىزان ۋە سەدىقە ناملىق بۇ ئەسەردە، رامىزان ئېيىنىڭ پەزىلىتى، روزا بىلەن ئاللاھ يولىدا پۇل-مال سەرپ قىلىشنىڭ چىن ئالاقىسى، سەدىقە بېرىشنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولىدىغان ئەجىر ساۋاپلارنى قۇرئان -سۈننەت نۇرى ئاستىدا قىسقىچە چۈشەنچە بېرىدۇ.

Image

رامىزاننى قانداق ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك؟ - (ئۇيغۇرچە)

رامىزاننى قانداق ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك؟ ناملىق بۇ ئەسەردە، مۇسۇلماننىڭ رامىزان ئېيىدا ئەھمىيەت بېرىشكە تىگىشلىك بولغان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا قىسقىچە بايان قىلىپ بىرىدۇ.

Image

رامىزان ۋە دۇئا - (ئۇيغۇرچە)

رامىزان ۋە دۇئا ناملىق بۇ لېكسىيەدە، دۇئانىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭ پايدىلىرى، روزا بىلەن دۇئانىڭ ئالاقىسى، رامىزان ئېيى ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ تائالادىن ھاجەتلەرنى يالۋۇرۇپ سورايدىغان، شۇنداقلا دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىغا ئەڭ يىقىن مۇبارەك ۋاقىت ئىكەنلىكى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىدۇ.

Image

رامىزان ۋە قەلبنى پاكلاش - (ئۇيغۇرچە)

رامىزان ۋە قەلبنى پاكلاش ناملىق بۇ ئەسەردە، رامىزان ئېيى قەلبنى پاكلاش، گۇناھ-مەئسىيەتتىن قول ئۇزۇش ئۈچۈن ئالتۇن پۇرسەت ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ئاللاھ تائالاغا ئەڭ يىقىن قەلب: ساغلام ۋە پاك، رەببىدىن ھەرۋاقىت ھايا قىلىدىغان قەلب ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارنى قىسقىچە بايان قىلىپ بېرىدۇ.

Image

رامىزان ئېيى ھەققىدە چۈشەنچە - (ئۇيغۇرچە)

رامىزان ھەققىدە چۈشەنچە ناملىق بۇ ئەسەردە، رامىزان ئېيى ھەققىدە چۈشەنچە ۋە بۇ ئايدا بىز مۇسۇلمانلاردىن تەقەززا قىلىنىدىغان ئىشلار قاتارلىق مەسىلىلەرنى قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرى ئاستىدا قىسقىچە بايان قىلىپ بېرىدۇ.

Image

رامىزان ۋە ئىتىكاپ - (ئۇيغۇرچە)

رامىزان ۋە ئىتىكاپ ناملىق بۇ ئەسەردە، مۇسۇلمان ھاياتىدا ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان ئىشلاردىن: ئاللاھ سۆيگۈسى ۋە ئۇنىڭغا يىقىنلىشىش، شۇنداقلا يالغۇز ھالەتتە ئاللاھقا نىدا قىلىشتۇر. ئىبادەتنىڭ لەززىتىنى تىتىيدىغان ئەڭ بۈيۇك پۇرسەت رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرىقى ئون كۈنىدە ئىتىكاپتا ئولتۇرۇش ئارقىلىق پەزىلەتتە مىڭ ئايدىن ئەۋزەل قەدىر كېچىسىنى ھاسىل قىلىشنىڭ ئالتۇن پۇرسىتى ئىكەنلىكى توغرىسىدا قىسقىچە....

Image

رامىزان ۋە مەن - (ئۇيغۇرچە)

رامىزان ۋە مەن ناملىق بۇ ئەسەردە، ئۇلۇغ رامىزان ئېيىدا مۇسۇلماننىڭ ئۆز نەپسىدىن ھېساپ ئىلىشىنىڭ مۇھىملىقى، شۇنداقلا ئاللاھقا ئېتائەت قىلىشقا ھېرىسمەن بولۇپ، گۇناھ-مەسىيەتتىن قول ئۈزۈشىنىڭ زۆزۈرلىكى توغرىسىدا مۇھىم تەۋسىيەلەر بايان قىلىنىدۇ.

Image

قانداق قىلغاندا بالىلارنى روزا تۇتۇشقا ئادەتلەندۈرگىلى بولىدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

مېنىڭ توققۇز ياشلىق بالام بار، ئوغلۇم ئۆتكەن يىل ئون بەش كۈن روزا تۇتتى، ئوغلۇمنى بۇ يىل رامىزاننى تولۇق روزا تۇتۇشقا ئادەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئىدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا بۇ توغرىدا ياردەم قىلىشىڭلارنى سورايمەن.

Image

مەزى چىقىش بىلەن روزا بۇزۇلمايدۇ - (ئۇيغۇرچە)

ئەر-ئايال روزىدار بولۇپ، كۈندۈزدە بىر-بىرى بىلەن ئوينىشىش جەريانىدا ئايالنىڭ جىنسى ئەزاسىدا نەملىك پەيدا بولۇپ قالغان بولسا، ئۇ ئايال بۇ نەملىكنىڭ سپېرما ياكى باشقا ھۆللۈك ئىكەنلىكىنى بىلمىسە، شۇنىڭدەك روزىدارلىق ھالىتىدە زادى نەچچە قېتىم شۇنداق ئويناشقانلىقىنى بىلمىسە قانداق قىلىدۇ؟، ئۇ ئايالنىڭ روزىسى قانداق بولىدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Image

بەدەندىن يىرىڭ چىقىش بىلەن روزا بۇزۇلامدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

بەدەندىكى جاراھەتلەردىن سېرىقسۇ، يىرىڭ قاتارلىق نەرسىلەر چىقسا روزا بۇزۇلامدۇ؟ ياكى جاراھەتتىن مەلۇم مىقداردا قان چىقىپ قالسا روزا بۇزۇلامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

Image

رامىزاننىڭ كۈندۈزىدە تىببى تەكشۈرتۈش ئۈچۈن روزا تۇتمىسىمۇ بولامدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

مەن يېقىندا دوختۇرخانىدا تىببى ئاپپاراتلار ئارقىلىق سالامەتلىكىمنى پۈتۈن تەكشۈرتمەكچى، ئۇ ۋاقىتتا روزا تۇتماستىن ئېغىز ئىچىشىم كېرەك بولىدۇ، ئەگەر بۇ ۋاقىتتا تەكشۈرتمىسەم، يەنە بىر تەكشۈرتۈش ئۈچۈن بىر نەچچە ئاي نۆۋەت ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن روزا تۇتماي تەكشۈرتۈش ئىلىپ بارسام توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.