×
Image

روزىدار ئايالىنىڭ بوينىغا گىرە سىلىپ قۇچاقلىشى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

مەن يېقىدا نىكاھلاندىم، كۆڭلۈمگە كەلگەن بەزى مەسىلىلەرنى ئوچۇقلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىمەن، مۇبارەك رامىزان ئېيى يىتىپ كەلدى، روزا تۇتتۇم، بەزى ۋاقىتتا ياتاق ئۆيىگە كېرىپ كارىۋاتتا ياتىمەن، بەزى ئايالىم يېنىمدا مەن بىلەن بىرگە ياتىدۇ، مەن ئۇنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ قۇچاقلايمەن، بۇنداق قېلىش روزىنى بۇزامدۇ؟ مەن ئۈچۈن قىلىش دۇرۇس بولىدىغان ۋە دۇرۇس بولمايدىغان ئىشلارنى....

Image

بەدەل ھەجنىڭ ھۆكمى ۋە ئۇنىڭ قائىدىلىرى - (ئۇيغۇرچە)

بىزنىڭ يۇرتىمىزدا ھەج ئۆمەكلىرى ھەجگە مېڭىشتىن ئىلگىرى بەدەل ھەج قىلىدۇرغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدۇ، بىز ئۇلارغا ھەج پائالىيىتى جەريانىدا خىراجەت قىلىدىغان مەلۇم مىقداردا ئىقتىساد بېرىمىز، بىز ئۈچۈن ھەرەم دىيارىدا بىلىم ئىلىۋاتقان دىنى ئوقۇغۇچىلار ھەج قىلىپ قويىدىكەن، مۇشۇنداق قىلىش توغرىمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Image

قىز-خانىملارغىمۇ ئەرلەرگە ئوخشاش ھەج قىلىش پەرزدۇر - (ئۇيغۇرچە)

بىر جۈمە خۇتبىسىدە خاتىپ: ھەج قىلىشنىڭ دىنىمىزدا پەقەت ئەرلەرگە پەرز قىلىنغانلىقى، ئاياللارنىڭ ھەج قىلىشىنىڭ پەرز ئەمەسلىكى توغرىسىدا سۆزلىدى،  بۇ سۆزنى ئىسپاتلايدىغان بىرەر ئايەت-ھەدىس بارمۇ؟ ياكى توغرا ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدىغان  شەرئى دەلىل - ئىسپات بارمۇ؟.

Image

ھەج قىلىش ئەرلەرگە پەرز بولغاندەك ئاياللارغىمۇ پەرزدۇر - (ئۇيغۇرچە)

جۈمە كۈنلىرىنىڭ بىرىدە جۈمە خۇتبىسىدە: ئىمام ھەج قىلىش ئەرلەرگە پەرز، ئاياللارغا پەرز ئەمەس دېدى، بۇ سۆزنىڭ قۇرئان-ھەدىستىن ئاساسى بارمۇ؟، ئەگەر بۇ سۆز توغرا بولمىسا، بۇنىڭ توغرىسىنى بايان قىلىدىغان ئايەت-ھەدىس بولسا چۈشەندۈرۈپ قويغان بولساڭلار؟.

Image

ھەجدىن قايتقاندىن كىيىن گۇناھ ئىشلەپ سالىمەن دەپ ھەجگە بېرىشتىن چېكىنىش توغرا بولامدۇ - (ئۇيغۇرچە)

مەن 24 ياشلىق قىز، ھەجگە بېرىشنى ئارزۇ قىلىمەن، لېكىن بەزى يېقىنلىرىم ماڭا: سەن ھازىر ھەجگە كەتسەڭ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن چوقۇم گۇناھقا چۈشۈپ قالىسەن، چۈنكى بۇ يەردە ناخشا-مۇزىكا، ئەر-ئاياللار ئارىلىشىپ يۈرىدىغان ئىشلار ئادەتكە ئايلانغان. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ھەجدىن قايتىپ كەلگەندىن كىيىن شۇنداق ئورۇنلارغا بارالايمەنمۇ؟، تاغام بىلەن ھەجگە بارسام توغرا بولامدۇ؟.

Image

ئەقىدە كەلىمىسىنىڭ ماھىيىتى ۋە دالالىتى - (ئۇيغۇرچە)

ئەقىدە كەلىمىسىنىڭ مەنىسى نېمىدىن ئىبارەت؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Image

ھەج ئايلىرىدا ئۆمرە قىلىش توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

بۇ يىل ھەج قىلمىساممۇ ھەج ئايلىرىدا ئۆمرە قىلىش توغرا بولامدۇ؟. مىسالغا ئالساق: ھەجدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى مەككىگە كېلىپ ئۆمرە قىلىپ، ھەج قىلماستىن قايتىپ كەتسەم توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Image

چىشى ھايۋاننى قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا - (ئۇيغۇرچە)

چىشى ھايۋاننى قۇربانلىق قىلسا دۇرۇس بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Image

ئىقتىسادى ياخشى بولغان ئايال يولدىشى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلسا بولامدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

يولدىشى كەمبەغەل بولۇپ، ئايالىنىڭ ئىقتىسادى ياخشى بولسا، ئايالى يولدىشى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلسا دۇرۇس بولامدۇ؟.

Image

ھۆكۈمەت تەرەپتىن بېرىلىدىغان ئىجتىمائىي كاپالەت پۇلىغا قۇربانلىق سېتىۋالسا دۇرۇس بولامدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئايلىق كىرىمى چەكلىك بولغان كىشىلەرگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ، ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك سېتىۋېلىشى ئۈچۈن كارت تارقىتىپ بېرىدۇ، مەزكۇر كارتىنى قۇربانلىق ئۈچۈن ئۇلاغ سېتىۋېلىشقا ئىشلەتسە توغرا بولامدۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Image

قۇربانلىق قىلامدۇ ياكى قەرزنى ئادا قىلامدۇ؟ - (ئۇيغۇرچە)

قەرزدار كىشى ئۈچۈن قۇربان ھېيتتا قۇربانلىق قىلىش ئەۋزەلمۇ ياكى قەرزنى ئادا قىلىشمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

Image

ھېيت كۈنىدە قانداق پائالىيەتلەرنى قىلىش كېرەك ؟ - (ئۇيغۇرچە)

ھېيت كۈنلىرىنى ئائىلىدە قانداق ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا كۆرسەتمە بېرىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن. (ھېيت كۈنلىرىدە چەكلەنگەن، ھارام ئىشلارنى قىلماڭلار، ۋە ئەر-ئاياللار ئارىلىشىدىغان سورۇنلارغا بارماڭلار، كىنوخانىلارغا بارماڭلار..... قاتارلىق ئىشلارنى زىكىر قىلماسلىقىڭلارنى ھۆرمەت بىلەن سورايمەن. چۈنكى بىز بۇ ئىشلارنى قىلمايمىز.) سىلەردىن سورايدىغىنىم: مۆمىنلەر ھېيت كۈنلىرىدە نېمە ئىشلارنى قىلىشىنىڭ زۆرۈر بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەمەلىي مىساللارنى بايان قىلىپ....